ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارغا ئىسىم بويىچە بىلەت سېتىش يولغا قويۇلىدىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا كىملىكتىكى ئىسىم بويىچە بىلەت سېتىش يولغا قويۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ بىلەتتىكى ئىسمى بىلەن كىملىكتىكى ئىسمى بىردەك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

يېڭى بەلگىلىمىدە ئاپتوبۇس بېكىتىگە كىرىشتە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ يۈك تاقىلىرىنى تىزىملىتىشى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشى، ھەتتا يولۇچىلارنىڭ ھاساتاياق، ياغاچ پۇت قاتارلىق قوشۇمچە ياردەم بۇيۇملىرىنىمۇ تىزىملىتىشى ۋە بىخەتەرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ يېقىندا خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇلاش ھەرىكىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىغا دىققەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنغان 6 ئۇيغۇردىن بىر كىشىنىڭ ھاساتاياققا تايىنىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئاقلاپ، ئىسىم بويىچە بىلەت سېتىش تۈزۈمى قاتناش ترانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مەزكۇر بەلگىلىمىنى تەنقىد قىلغۇچىلار بۇ بەلگىلىمە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى، بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەر قىلىشىغا ئىلگىرىلەپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.