جېجياڭدىن ئاقسۇغا 19 خىتاي ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلدى

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 5000 نەپەر "قوش تىللىق" ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەيدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.18

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق 9 ناھىيىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق مىللىي ئوقۇتقۇچىنى قوش تىل بويىچە تەربىيىلەيدىكەن. قوش تىل بويىچە تەربىيىلەشكە يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان بارلىق مىللىي ئوقۇتقۇچىلار قاتنىشىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە قوش تىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ كاپالىتى دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

بۈگۈن شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى جېجياڭدىن 19 خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئاقسۇغا مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەۋەتكەن.

رادىئومىزغا يېقىندا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرىي خىتايچە سەۋىيە ئېمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، لايەقەتلىك بولالمىغانلار خىزمەتتىن قىسقارتىلىش بىلەن تەھدىت قىلىنىدىكەن، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.