ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 3 دەرىجىلىك پارتكومنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا، پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسى قاتلام سايلاملىرىدا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەيدانى ئېنىق بولغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چېنىققان نامزاتلارنى رەھبەرلىككە تەيىنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە، ئوبلاست، ناھىيە ۋە يېزا-بازار پارتكوم سايلاملىرىدا سايلىنىپ چىققان يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن دۆلەت خاتىرجەم بولۇش ۋە ئامما رازى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جاڭ چۈنشيەن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سايلامدا يالغۇز ئاۋاز سانىغىلا ئېسىلىۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەندە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىشتا، سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنگە نىسبەتەن مۆتىدىل يول تۇتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان ئىدى. جاڭ چۈنشيەننىڭ يېقىنقى چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلىرىدىن قارىغاندا، ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئاساسى ئېقىمنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، بېسىم ۋە جىددىيچىلىكنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.