بېيجىڭدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر ئامېرىكىلىق يارىلاندى

پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭنىڭ دۇڭ جىمىن رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئامېرىكا پۇقراسى يارىلاندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە بېيجىڭنىڭ دۇڭ جىمىن رايونىدىكى بىر سودا ساراي ئەتراپىدىكى يولدا چۈشتىن كېيىن سائەت 3: 20 مىنۇت ئۆتكەنلەردە مەيدانغا كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پارتلاش جەريانىدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم پىيادىلەر يارىلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 30 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىمۇ بار بولۇپ، پارتلاشتا ئۇنىڭ پۇتى يارىدار بولغان.

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدە ھېچقانداق ماددى چىقىم كېلىپ چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما پارتلاشنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرچە مەلۇمات بەرمىدى.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بيېجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلىغان. پارتلاش مەيدانغا كەلگەن رايون ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ، قاتناش توختىتىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت