خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاپ بىڭتۇەننى تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى ساقلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇقىملىقنى ساقلاش يىغىنى ئاچقان.


يىغىندا جاڭ چۈنشەن ئاساسىي قاتلام پارتكوملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، يېڭى چېگرىدا تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى قوش قوللاپ تۇتۇش، ھەر ئىككى قول قاتتىق بولۇش كېرەك، دەپ ۋەزىپە تاپشۇرغان. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى جايلاردا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تۇتقىن قىلماقتا.

ئەمما خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن) دە ئەھۋال باشقىچە. «سىنا تورى» نىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇيىل ئالدىنقى بەش ئايدا، بىڭتۇەنگە ئاساسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇلتۇرقىدىن 83% ئاشۇرۇپ 18 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. بىڭتۇەن ھازىر بۇ مەبلەغ بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرالغۇ، داۋالاش، مائارىپ، مەدەنىيەت مۇھىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.