خىتاي تىبەت پارتكوم سېكرىتارى بۇ يىل 2 - سېنتەبىر كۈنى كۆچمەنلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە تىبەتنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان.
ئۇ تىبەتتە مۇقىملىقنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. پارتكوم سېكرىتارى جاڭ يىجيۇڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن يېتەرلىك ئىمكان يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر، 14 - مارت ۋەقەسىدىن كېيىن، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە تىبەتتىن سوۋۇش ۋە قورقۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى،16 - سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ تۈر كۆچمەن سىياسىتى تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.