ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي يىغىن ئاچتى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.12.19
2010.12.19
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنى رۇسىيە تەرەپنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئىككى كورىيىنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشى چاقىرىلدى.
بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئالدىنقى كۈنى جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يونپخېندو ئارىلىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنلىرى ئەگەر ھاۋا كىلىماتى يار بەرسىلا ھەربىي مانېۋىرنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
جەنۇبىي كورىيىنىڭ مەزكۇر ئارالدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانى شىمالىي كورىيە تەرەپنىڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تەرەپ ئەگەر جەنۇبىي كورىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزسە، ئۆزلىرىنىڭ " قايتۇرما زەربە بېرىشى" مۇمكىنلىكىنى، قايتۇرما زەربە بېرىشنىڭ كۈچى ۋە دائىرىسى ئالدىنقى قېتىملىق مەزكۇر ئارالغا زەمبىرەك ئېتىشتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئەمما، جەنۇبىي كورىيە قەتئىي چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىككى كورىيە ئارىسىدا ئۇرۇش ۋەزىيىتى يارىتىشىدىن ئەنسىرىگەن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، پيوڭياڭ بىلەن سېئۇلنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورىيىنى مەزكۇر ئارالدا ھەربىي مانېۋىر قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.