بو شىلەينىڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

سابىق چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ 10-ئاپرېل كۈنى ئاخىرقى ۋەزىپىسى سىياسىي بيۇرو ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

بۇ خەۋەر ئەڭ ئاۋۋال رويتېرس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 10-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىتايدىكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 15-مارت كۈنى چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان خىتاي سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەينىڭ ئېغىر خاتالىقى سەۋەبلىك، سىياسىي بيۇرو ئەزالىق سالاھىيىتىنىڭمۇ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېئىل خەيۋودنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىمۇ خەۋەر قىلىندى.

بو شىلەي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بىرى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش جەريانىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا بو شىلەي تەرىپىدىن 2012-يىلى 1-فېۋرال كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ھەم ئۇنىڭ 6-فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋەقەسى، 3-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى قۇرۇلتاي ھەم قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بو شىلەي قاتارلىق چۇڭچىڭ ئەمەلدارلىرىنى تەنقىدلىگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ئارخىپلاشتۇرۇلغان.