بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنە داۋام قىلماقچى

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25 - يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بىر مىليون 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.28

بۇنىڭ ئىچىدە 700 مىڭ كىشى شەھەر، بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ زادى قايسى شەھەر، بازارلارغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە بىر مىليون 200 مىڭ كىشى تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلىنىدۇ، دېيىلگەن بولۇپ، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل "تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەش" ئىچكىرىگە يۆتكەپ بېرىلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەربىيىلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش خىزمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يېقىندا شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ۋۇ يۈنخۇانىڭ "ئۇزۇن - مۇددەتلىك ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلىتىش بىلەن ئۆزىگە يېقىن ئەتراپتىن ئىش تېپىپ بېرىشنى يۆلىنىش قىلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى سىرتلارغا يۆتكەش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.