چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنى «ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ قاتىلى» دەپ جاكارلىدى

باش ئورگىنى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقان، مۇخبىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋنى، «ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ قاتىلى» دەپ جاكارلىدى.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا 2011‏-يىلى ئىچىدىلا 18 مۇخبىر كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، 151 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىندى، 128 نەپەر ئىنتېرنېت تور خادىمى تۈرمىگە تاشلاندى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى بۈگۈن، ئىنتېرنېت تور ئۇچۇرلىرىغا نازارەت قىلىدىغان بىر ئىشخانا قۇرۇش ھەققىدە تەستىق چۈشۈرگەن. بۇ، خىتايدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.