چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى «بىز نازارەتكە قارشى» ناملىق مەخسۇس تور بەت ئاچتى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللاردىن بېرى پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئۆكتىچىلەرنى ۋە قەلەمكەشلەرنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى خەلقئارا سەھنىدە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، «بىز نازارەتكە قارشى» ناملىق توربەت ئاچتى.

تور بەت بۈگۈندىن باشلاپ ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋە ئېلان قىلىشقا باشلىدى. توربەتتىكى چۈشەندۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر توربەتتە بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا يازغان ئەسەرلىرى ياكى قىلغان سۆزلىرى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، جۈملىدىن تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەر مەخسۇس تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يازمىلىرى ياكى نۇتۇقلىرى ئەسلى مەزمۇنى بويىچە ئېلان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر رايونى نۆۋەتتە مۇستەقىل پىكىر بايان قىلغانلىقى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر جاي بولۇپ، نۇرمەمەت ياسىن، مەھبۇبە ئابلەش، گۈلمىرە ئىمىن، مەھەممەدجان ئابدۇللا قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن قەلەمكەش خىتاي تۈرمىلىرىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر توربېتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر سەھنە دەپ قاراشماقتا.