خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئەما چېن گۇاڭچىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەندى

مەركىزى نيۇيوركتىكى «كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى تەشكىلاتى» بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچىڭغا بەردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.10.25

چېن گۇاڭچىڭ مۇكاپاتىنى نيۇيوركتا چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى يەنى «شەپەرەڭ ئادەم» فىلىمىنىڭ باش رول ئارتىسى كىرىستىيان بېيىلدىن تاپشۇرۇپ ئالدى.

كىرىستىيان بېيىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىر شەخس بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن دېكابىردا خىتايغا چېن گۇاڭچىڭنى كۆرگىلى بارغان ۋە چېن گۇاڭچىڭنى ئۆيىدە ھەپسىگە ئېلىپ ياتقان خىتاي مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان ئىدى.

ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچىڭ خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقتىن، 2006-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 4 يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ شەندۇڭدىكى ئۆيىدە داۋاملىق ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلغان. چېن بۇ يىل 5-ئايدا قوللىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان ئىدى. ئۇ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بىر مەھەل تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، 20-ماي كۈنى ئامېرىكىغا ئوقۇش شەرتى بىلەن كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.