كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېنۋېيغا 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

23 - دېكابىر جۈمە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېنۋېيغا «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىپ، 9 يىللىق قاماق جازاسى بەردى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-12-24
Share

چېنۋېي توردا ئېلان قىلغان 4 پارچە ماقالىسى سەۋەبلىك بۇ يىل فېۋرال «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابىنىڭ خىتايغىمۇ يېتىپ كېلىش شەپىسى سېزىلگەندە قولغا ئېلىنغان ئىدى.

چېنۋېينىڭ ئادۋوكاتى، سوتنىڭ 2:30 سائەت داۋام قىلغانلىقى، ئادۋوكاتلارنىڭ يېتەرلىك دەلىللەر بىلەن چېنۋېينى ئاقلاشقا تىرىشقانلىقى، ئەمما، سوت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېنۋېينىڭ ئادۋوكاتى لىياڭ شاۋجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېنۋېينىڭ ھۆكۈمنامىسى ئوقۇغاندا چېنۋېي: مەن ئېتىراز بىلدۈرىمەن. مەن گۇناھسىز. قانۇنىي دېموكراتىيە چوقۇم يېڭدۇ، مۇستەبىتلىك زاۋال تاپىدۇ، دەپ خىتاب قىلغان.

خىتايدا ھۆكۈمەت خالىمايدىغان پىكىردىكى يازغۇچى - مۇخبىرلار ئەزەلدىن زەربە نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ژۇرنالىست غەيرەت نىيازمۇ 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خوڭكوڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت