ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئامېرىكىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىمى ئىشلىتىشكە چاقىردى

خىتاي ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكىنى سودا مەنپەئەتىنى دەپ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشتىن چېكىنمەسلىككە چاقىردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پرىنسىپىدىن كىچىككىنە بولسىمۇ ھەرگىز تايماسلىقى كېرەك.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.30

چېن گۇاڭچېڭ بۇ سۆزلەرنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلدى. 2012‏-يىللىق «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» چېن گۇاڭچېڭغا بېرىلگەن.

مەزكۇر مۇكاپات 2008-يىلى ۋاپات بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى توم لەنتوسنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىرنى ئىزچىل كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن توم لەنتوس، ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بىردىن-بىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى.

مۇراسىمدا چېن گۇاڭچېڭ: مەن ھەربىر كىشىنىڭ جۈملىدىن ئەرزدارلار، كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى، ئاممىۋى گۇرۇھلار، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

چېن گۇاڭچېڭ بۇلتۇر بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ، خىتاينى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.