چەتئەل ئەلچىخانا خادىملىرى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىندى

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" قانلىق باستۇرۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە 5 كۈن زىيارەتتە بولىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا خىتايدا تۇرۇشلۇق 26 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى تەكلىپ قىلىنغان.

زىيارەت سۆھبەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان دىنىي سىياسىتى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان ئەلچىخانا زىيارەت ئۆمىكىگە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، نورۋېگىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن باشقا يەنە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان، مالايشىيا ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرى ئەلچىخانىلىرىمۇ خادىم ئەۋەتكەن.

ھالبۇكى خەۋەردە، بۇ چەتئەل ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە سۆھبەت شەكلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشقاندىن سىرت، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ياكى بارمايدىغانلىقى ھەققىدە تەسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىش باستۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈرۈمچىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.