چوشقا زۇكامى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، مېكىسكىدا تۈنۈگۈنگە قەدەر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانى 159. ھازىر يەنە 1300 بىمار دوختورخانىلاردا داۋالىنىۋاتىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن يەنە، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بىمار سانى، ئامېرىكىدا 64، مېكىسكىدا 26، كانادادا 13، ئەنگىلىيىدە 5، ئىسپانىيىدە 4، گېرمانىيىدە 3، يېڭى زېللاندىيىدە 3، كوستارىكادا 2، ئىسرائىلىيىدە 3، ئاۋسترالىيىدە 1.

مېكىسكىدا پارتلاپ ھازىر پۈتۈن دۇنيا مېقياسىدا تارقىلىۋاتقان بۇ خىل چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى چوشقىدىنلا ئەمەس، قۇشلاردىن يۇقىدىغان ۋە ئادەمدىن - ئادەمگە يۇقىدىغان باشقا خىلدىكى زۇكاملارنىڭ ۋىرۇسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، بىر مۇنچە دۆلەتلەر بۇنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

ئۇلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئارگېنتىنادا چوشقا زۇكامى گۇماندارلىرى 3، ئاۋسترالىيىدە 91، چىلىدا 8، كولۇمبىيادا 9، دانىيىدە 5، فرانسىيىدە 20، خوڭكوڭدا 4، ئېرلاندىيىدە 3، پولشادا 3، پورتۇگالىيىدە 1، جەنۇبىي كورىيىدە 6، شىۋېتسىيىدە 5، شىۋېتسارىيىدە 5 بولۇپ، گوللاندىيىدىمۇ جىددىي ئېنىقلىنىۋاتىدۇ.

مېكىسكىدا چوشقا زۇكامى پارتلىغاندىن كېيىن، چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان دۆلەتلەر خىتاي، رۇسىيە، بەھرەين، كروتىيا، ئىكۋادور، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، ماكىدونىيە، مانتىنېگرو، فىلىپىن، لېۋان، سېرببيە، جەنۇبىي كورىيە، تايلاند، ئوكرائىنا، ئەرەب خەلىپىلىكى.

مېكىسكىدا پارتلىغان چوشقا زۇكامى باشقا زۇكاملادىن پەرقلىق بولغانلىقى ۋە چوشقىدىن تارالغانلىقى ئۈچۈن، بۇخىل يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ نامى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 'چوشقا زۇكامى' دەپ ئاتالماقتا. ئىسرالىيە قانۇنىدا چوشقا چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى 'مېكىسكا زۇكامى' دەپ ئاتاۋاتىدۇ.