رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭ، رومىنىيە، سېنگاپور، سلوۋاكىيىلەر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملىنىش ھادىسىلىرى تېز كۆپىيۇۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ قالدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر سرتتىن كىرگەن چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارلاردىن باشقا، ئۆز زىمىنىدىكى چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارلار كۆرۇلدى.
خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭدا يېقىنقى سەككىز كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى بىرنەچچە بېمار بايقىلىۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 29 - چىسلاغىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، فۇجەن، خۇنەن، سەندوڭ، سىچۇەن قاتارلىق 8 ئۆلكە، شەھەردە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 21 گە يەتتى.