بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلقئارا مىقياسىدا تۇنجى قېتىم 5 - دەرىجىلىك ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىشىچە، چوشقا زۇكىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بۇ ئاپەتنىڭ تەھدىتى ئاستىدا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىنسانلارنى تېز ئارىدا چوشقا زۇكامىدىن ساقايتىش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
بۇ قېتىم ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تەھدىت تۇغدۇرۇۋاتقان H1N1 چوشقا زۇكىمى نەسلى ئۆزگەرگەن يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس بولغاچقا، ئىنسانلاردا بۇنىڭغا قارشى ئىمونىت كۈچى ئىنتايىن چەكلىك ئىكەن.
ھازىرغىچە دۇنيادا مەلۇم بولغان چوشقا زۇكامدارلىرى ئاساسەن يېقىن ئارىدا مېكسىكىدا ساياھەتتە بولۇپ باققانلار ئىدى، بۈگۈن مىكسىكىغا بېرىپ باقمىغان بىر يۇقۇمدارنىڭ ئىسپانىيىدە مەلۇم بولۇشى، چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئادەمدىن - ئادەمگە تارقىلىش كۈچىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۇنجى ئىسپات ھېسابلىنىدىكەن.
چوشقا زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر مېكسىكا ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يېڭىدىن سىتاتىستىكا ئېلان قىلغان بولۇپ مېكسىكىدا مەزكۈر ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن ئۆلگەن 168 كىشىنىڭ 8 ىنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولغان، قالغان 160 ئۆلگۈچى ئۈستىدە داۋاملىق ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىدا يۇقۇملانغانلار 93 كە يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەيشەنبە كۈنى، مېكسىكىدىن كەلگەن 23 ئايلىق بىر بوۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. نۆۋەتتە دۇنيادا چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلانغانلارنىڭ سانى9.