بۇ بىمار 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 : 30 ئەتراپىدا دوختۇرخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىدە ئۆلۈك ھالدا بايقالغان. ئالاقىدار كىشىلەر ئۆلگۈچىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بىر ھەپتىدىن بېرى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئازراق يۆتىلىش ئەھۋالى بولسىمۇ، بەدەن تېمپراتۇرىسىنىڭ ئىزچىل نورمال بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ھازىر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ۋە سەھىيە تارماقلىرى بىمارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، سەھىيە تارماقلىرى بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ سەۋەب بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ب ب س دىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا كوللىكتىپ ھالدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇ مەكتەپتە 16 بالىدا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇلارنىڭ ئىچىدىن 7 نەپىرىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولدى. قالغانلىرى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە. بۇ قېتىمقى ۋەقە خىتايدا تۇنجى قېتىم كوللىكتىپ يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى مەكتەپ تاقىلىپ، يۇقۇملانغان بالىلار ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلار كارانتىنغا ئېلىنغان.
خىتايدا H1N1 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانغۇچىلارنىڭ سانى ھازىرغىچە 867 نەپەر، خوڭكوڭدا 785 نەپەر دەپ ئېلان قىلىندى. بۈگۈنگىچە دۇنيادا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 70 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 311 نەپەر.