چۇڭچىڭ شەھىرى ھازىر چوڭ داۋالغۇش ئىچىدە
2012.04.11
تۈنۈگۈن (سەيشەنبە كۈنى) چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئونمىڭلىغان ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، ۋەنشېڭ رايونى بىلەن جۇەنجاڭ رايونى قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان پاراۋانلىق ئۆكسۈپ قالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار بىلەن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ يەنە ئونمىڭلىغان ئادەم كوچىلارغا قاراپ ئېقىشقا باشلىغان.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى رادىئومىزغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارغا ۋە فوتو رەسىملەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈنكى نامايىش يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشقان، بۈگۈن خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قوللىرىغا قالقان ۋە توقماق تۇتۇپ ھەممە قاتناش تۈگۈنلىرىنى قامال قىلىۋالغان.
بۈگۈنكى نامايىشنىڭ دائىرىسى تۈنۈگۈنكىدىن چوڭ. خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قوللانغان ۋە نامايىشچىلارنى كالتەكلىگەن، 50 تىن ئارتۇق نامايىشچىنى يارىلاندۇرغان. بەزى كوچىلاردا نامايىشچىلار ئۆرۈۋەتكەن ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆرۈنىدۇ.
مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق تەسۋىرلىشىچە، بۈگۈن چۇڭچىڭنىڭ كوچىلىرىدىكى دۇكانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى تاقالغان. ئازادلىق ئارمىيە ئاپتوموبىللىرى 303-نومۇرلۇق چوڭ يولدا چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.