"يەرشارى مەكتۇپلىرى" گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، دالاي لاما خىتاي ياشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: " ئۇلار كۈندىن - كۈنگە باي بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىچى قۇرۇق."
دالاي لاما بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ يىراقنى كۆزلىگەندە خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈمىگە بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دالاي لاما يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەۋپسىرەش تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان ئىچىدىكى ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خەۋەر - ئاخباراتلارنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت ئاسان يولنى تاللىۋالغان."
دالاي لاما ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ كانادادا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئىدى.