نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ باياناتى خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلار ھەمدە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنى قاپلىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرى بۈگۈن جايلاردا تۈرلۈك خاتىرىلەش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنى بېسىۋالغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋام ئەتمەكتە.
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىمۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماجاۋشۈ دالاي لامانىڭ باياناتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ۋە " دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن يالغان ياۋىداق سۆز تارقاتماقتا" دەپ ئەيىبلىگەن.
رويتېرس ۋە ب ب س ھەمدە فرانسىيە ئاگېنتلىقلىرىدا دالاي لامانىڭ بۈگۈنكى باياناتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، "دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ تىبەتتە قانلىق باستۇرۇشنى توختاتمىدى، تىبەت خىتاي بىلەن خوشنا،بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز قانۇنلۇق ھوقۇق، ھەقىقىي ئاپتونومىيە " دېگەن.
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەرنىڭ 50 يىلنى خاتىرىلىشى ياكى بىرەر ۋەقە تۇغدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن. شۇنداقلا ھەر قانداق چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن.