دالاي لاما كېلەر يىلى 3 ‏-ئايدا تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىدىكىۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەكچى

بۈگۈن تىبەت دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ باياناتچىسى، دالاي لامانىڭ كېلەر يىلى 3 ‏-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

باياناتچى تەنزىن تەلھا سۆزىدە، دالاي لامانىڭ ئىستىپاسى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارنى سۈرگەندە ھۆكۈمەت پارلامېنتىنىڭ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئەگەر دالاي لامانىڭ ئىستىپا تەلىپى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ تىبەت سىياسىي ھەرىكىتىدىكى رولىنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى، پەقەت پائالىيەت دائىرىسى، خىزمەت مىقدارىدا بەلگىلىك دەرىجىدە كىچىكلەش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما تىبەت مىللىي ھەرىكىتىدە تىنچلىقچى شەكىل، مۆتىدىل پوزىتسىيە ۋە ئوتتۇرا يول تەشەببۇسى بىلەن ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك مېتودىغا خاسلىق قازاندۇرغان. تىبەت ياشلار تەشكىلاتى بولسا، ئۇزۇل-كېسىل مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش، نۆۋىتى كەلگەندە زوراۋانلىق قوللىنىشتىن چېكىنمەسلىك قاتارلىق قەتئىي تەشەببۇسلىرى بىلەن تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر پەرقلىق قانىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، دالاي لاما ئىستىپا بەرسە، تىبەت مىللىي ھەرىكىتىدىكى ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىلچى قاناتنىڭ كۈچلىنىش ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى باش ئاغرىقى تېخىمۇ كۈچىيىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.