كوپېنھاگېندا گۇننار يارىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قەشقەرگە قايتا زىيارەت» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.04.21
2012.04.21
يىغىننى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 10 - مايدىن 12 - مايغىچە ئىككى كۈن ئىچىلىدىكەن.
يىغىنغا ئامېرىكا، دانىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار قاتنىشىدىكەن.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئالىمى ئەسئەت سۇلايمانۋە دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
گۇننار يارىڭ شۋېتسىيىلىك دىپلومات ۋە تۈركولوگ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملاش ئۈچۈن 1929 - ،1930 - يىللىرى ئارىلىقىدا قەشقەرگە كەلگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلغان.
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئىنتايىن كۆپ، ئۇ 1978 - يىلى قەشقەرگە قايتا كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكە ۋە 29 - يىلىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرى ئاساسىدا «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇيغۇرلارغا بىرقەدەر كۆپ تونۇشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بىر دەپ قارىلىدۇ.
گۇننار يارىڭ 2002 - يىلى 29 - ماي ۋاپات بولغان ئىدى.