خىتاي ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ساختا دورىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.11.20
2011.11.20
شىنخۇانىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە بۇ ھەرىكەتكە 80 نەچچە نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى قاتناشقان بولۇپ، بەش ساختا دورا سېتىش شايكىسىنى بىراقلا قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ھەرىكەتتە ساقچىلار سەككىز ساختا دورا ياساش ئورنىنى ۋەيران قىلغان ھەمدە 170 مىڭ يۇئەن قىممىتىدىكى 62 خىل ساختا دورا تۈرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ساختا دورا ياساپ سېتىش پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۇزۇندىن بۇيان ئومۇمىي يۈزلۈك داۋاملىشىپ، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ساختا دورا سودىگەرلىرى ۋە ياسىغۇچى شايكىلارغا كەڭ كۆلەملىك ھەم دائىم زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ساختا دورىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، ھاياتى ۋە سالامەتلىكى جىددىي تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان.
ھەتتا بەزى سەھىيە خادىملىرى ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭمۇ ساختا دورا ساتقۇچىلار بىلەن ئاستىرتىن تىل بىرىكتۈرۈش ۋە ياكى مەسىلىگە سەل قاراش ئەھۋالى مەۋجۇتلۇقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.