سامىيۈزى يېزىسىدا مەسچىتكە كىرگەن ئىككى ئوقۇغۇچى جازالانغان

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غۇلجا ناھىيە سامىيۈزى يېزىلىق كومىتېتى بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 27 كۈنى، يېزىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەسچىتلەرنى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش داۋامىدا، يېزىنىڭ 13-كەنتىدىكى مەسچىتتە ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقى بايقالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.14

يېزىلىق پارتكوم 8-ئاينىڭ 8-كۈنى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تەنقىد قىلغان؛ پارتكوم يەنە مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىمامى، مەسچىت ھەيئىتىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مەسچىتكە مەسئۇل يېزا كادىرى ۋە بىرلىكسەپ خادىمى بولۇپ، جەمئىي 4 كىشىگە ئايرىم-ئايرىم ئاھالدا 200 سومدىن 400 سومغا قەدەر جەرىمانە قويغان. يېزىلىق پارتكومنىڭ ناماز ئوقۇغان ئىككى ئوقۇغۇچىنى جازالىغانلىقى ھەققىدىكى مەزكۇر ھۆججىتى يېقىندا يېزىلىق پارتكومنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ بۇ ھۆججەتكە ئاساسەن تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غۇلجا تەۋەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ساقال قويغان ئەر ۋە يۈزىنى ئورىغان ئاياللارنى جازالاشتەك ئىپتىدائىي ۋە زورلۇق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.