تاجىكىستاندا ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىمزالانغان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى، غۇلغۇلا قوزغىدى

تاجىكىستاندا يېقىندا ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىمزالانغان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى، غۇلغۇلا قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.06

تاجىكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي چەكلىمىسىنى پرېزىدېنت ئەمامەلى رەھمان ئىمزالىغان بولۇپ، قانۇندا 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى مەنىي قىلىنغان.

تۋ پرېس تورىدا نەقىل قىلىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېڭى قانۇننىڭ تاجىكىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئارىلىشى ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تاجىك خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قانۇنىغا پەرۋا قىلماي، بالىلىرىنى يەنىلا مەسچىتكە ئەۋەتىدىغان ئىشلار كۆپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.