ئىلھام توختى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

غەربلىكلەرنىڭ دىنىي بايرىمى بولغان روجىستىۋا بايرىمى مەزگىلىدە، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي ياشلىرى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان روجىستىۋا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن. خىتايدىكى ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇ مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان بولۇپ، تور بېكەتلىرىدە «ئۇيغۇرلار روجىستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزسە بولامدۇ» دېگەن تېمىدا تالاش - تارتىشلار كۆپەيگەن.

2012.12.25


تورداشلارنىڭ بەزىلىرى روجىستىۋا بايرىمى ۋە ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش غەرب دۇنياسىدىكى خرىستىئان بايراملىرىنى مەدەنىيەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىني ئېتىقادىغا يات بولغان ھەرقانداق بايرامنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان.

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەم ئۇيغۇر رايونىدا تەرەققى قىلدۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەھەرلەرنى كېڭەيتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن شەھەر مەركىزىدىن چەتنەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت قاتلىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئۆز ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش، قايمۇقۇش ئەھۋالللىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇندىن باشقا، رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقمۇ ئەۋج ئالدى. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى قوغداپ قېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىن چەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.