دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىستا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھاۋا قاتنىشى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىستا، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھاۋا قاتناش ساھەسى ئۇچرىغان زىيان مىقدارى 4 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

بۇ جەمئىيەتنىڭ مەبلەغچىلەر ھەيئىتىنىڭ باشلىقى گوۋاننى بىسىگنانىنىڭ قارىشىچە، ھاۋا قاتنىشى شىركەتلىرىنىڭ يۈك توشۇش كىرىمى، بۇيىل بىرىنچى ئايدا %23 تۆۋەنلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يەنە داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر ھەممىسى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەدبىر قوللانماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىستا ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان تارماق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھاۋا قاتنىشى ساھەسى. ئەمما ئوتتۇرا شەرقىنىڭ ھاۋا قاتنىشى تارماقلىرىلا ھازىرغا قەدەر كىرىمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

قالغان جايلاردىكى ھاۋا قاتنىشى تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولۇش ئۈچۈن، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ تېخنىكا يېڭىلاپ، 'بىخەتەر قاتناش گۇۋانامىسى' ئېلىشقا تىرىشماقتا ۋە ھەممىسى ھاۋا قاتنىشىدا بىلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق يولۇچىلارنى جەلىپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى.