د ئۇ ق: قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمىتى قوراللىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتلىرىغا قارىغاندا، قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمىتى ۋىلايەت تەۋەسىدە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىش ۋە كوچىلار چارلاش نامىدا قوراللىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەدبىرلىرى، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 90 ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە 2101 ئورۇنغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقان.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 10 مىليون يۈئەن خىتاي پۇلى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن يەرلىك ئامما قەشقەرنىڭ بەئەينى بىر " ئۈستى ئوچۇق تۈرمە" گە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.