دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى رەسمىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا كىردى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى جۈمە كۈندىن باشلاپ، رەسمىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا كىردى. شۇ كۈنى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ خېرىندون ناھىيىسىدىكى بىر مېھمانخانىدا توپلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-05-22
Share

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىدا چاقىرىلغان تۇنجى زور كۆلەملىك يىغىلىشلارنىڭ بىرىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پەيشەنبە كۈنى قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرىمىزغا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا "شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك نىگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقى ۋە ۋەكىللەرنىڭ پىكىرى ئېلىنىدىغانلىقى،" نى بىلدۈردى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن، شۇ كۆنى ۋەكىللەر خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسەتكەن ئىدى. قۇرۇلتاي يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىشى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئاڭلىتىشىمىز داۋامىدا قۇرۇلتاينىڭ بۈگۈنكى كۈنتەرتىپىگە ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلاردا بولىمىز.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت