ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىز - تۇياق ياللۇغى بىر قەدەر تىز دەرىجىدە تارقىلىشقا باشلىغان

بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىز - تۇياق ياللۇغى بىر قەدەر تىز دەرىجىدە تارقىلىشقا باشلىغان. "خىتاي خەۋەرلەر تورى" دا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بۇ يىل 4 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ھازىرغىچە بولغان بىر ئاي جەريانىدا 383 كە يەتكەن ۋە بىر ئادەم ئۆلگەن. ئۈرۈمچى يۇقۇملىنىش نىسبىتى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئېغىز - تۇياق ياللۇغى 5 - ئاي كىرگەندىن بۇيان ئەڭ تىز تارالغان بولۇپ، مەزكۇر كېسەللىكتە يۇقۇملانغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت - ئوبلاستىدا ئورتاق كۆرۈنگەن. يۇقۇملىنىش 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 92.5 پىرسەنتكە يەتكەن.

نۆۋەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى باشلىغان.

ئېغىز - تۇياق يۇقۇملۇق كېسەللىكى خىتايدا بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 7 - مايغىچە خىتايدا 430 مىڭ بالىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 260 نەپىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.