خىتاي دائىرىلىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى، دەۋاگەرلەرنى ھېچقانداق سوت قىلماي 4 يىلغا قەدەر ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولاپ قويالايدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.07

ساقچىلارغا بېرىلگەن بۇ خىل ھوقۇق ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق دەۋاگەرلىرىنى، دىنىي زاتلارنى جازالاش ۋە باستۇرۇشنىڭ كەسكىن قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان ياكى تۈزۈمگە بوي سۇنۇشنى رەت قىلغان نۇرغۇن كىشى ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولىنىپ باستۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا بۇ تۈزۈم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

خىتاي «قانۇن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ بىر قېتىملىق يىغىندا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق خەۋەردە، بۇ تۈزۈمنىڭ قانداق بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي دېتاللار تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىق مەسىلىسى بار. ئۇلار، ئەمگەك لاگېرلىرى پۈتۈنلەي تاقىلامدۇ ياكى ساقلاپ قېلىنىپ، كىشىلەرنى سوتنىڭ ھۆكۈمى ئارقىلىق قاماشقا ئۆزگەرتەمدۇ، دېگەن مەسىلىنى داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.