شىنجاڭ گېزىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

بۈگۈن شىنجاڭ گېزىتىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «ئەقلىي ياردىمى» ئاقسۇغا كۈچلۈك مەدەت بولدى ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.08.26

خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىغا ئاتالمىش ياردەم بېرىش دولقۇنى قوزغالغاندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قىلغان ياردەملىرى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بايان قىلىنغان. ئەمما خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدىن بەكرەك خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەتتە دۇنيادا ئەقلىي ياردەم ئاتالغۇسى زېھنىي ئاجىزلارغا ياكى گۆدەكلەرگە بېرىلگەن ياردەملەرگە قارىتىپ ئاتىلىدۇ.

بۇ يەردە گېزىتنىڭ بىر دىققەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى يالىڭاچ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايونغا بېرىلگەن پەن تېخنىكا جەھەتتىكى ياردەمنى ئەقلىي ياردەم دەپ ئاتىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ئەقلىي ياردەم» ئاتالغۇسى قوش تىرناق ئىچىدە بېرىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەقلىي جەھەتتىكى كەمسىتىش ھاقارەت خاراكتېرى ئەڭ ئېغىر بولغان كەمسىتىش تۈرلىرىدىن بولۇپ، بۇ دۇنيادا كۆپ قېتىملاپ ئىجتىمائىي توقۇنۇش ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.