خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىغا ئاتالمىش ياردەم بېرىش دولقۇنى قوزغالغاندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قىلغان ياردەملىرى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بايان قىلىنغان. ئەمما خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدىن بەكرەك خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەتتە دۇنيادا ئەقلىي ياردەم ئاتالغۇسى زېھنىي ئاجىزلارغا ياكى گۆدەكلەرگە بېرىلگەن ياردەملەرگە قارىتىپ ئاتىلىدۇ.
بۇ يەردە گېزىتنىڭ بىر دىققەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى يالىڭاچ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايونغا بېرىلگەن پەن تېخنىكا جەھەتتىكى ياردەمنى ئەقلىي ياردەم دەپ ئاتىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ئەقلىي ياردەم» ئاتالغۇسى قوش تىرناق ئىچىدە بېرىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەقلىي جەھەتتىكى كەمسىتىش ھاقارەت خاراكتېرى ئەڭ ئېغىر بولغان كەمسىتىش تۈرلىرىدىن بولۇپ، بۇ دۇنيادا كۆپ قېتىملاپ ئىجتىمائىي توقۇنۇش ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولغان.