خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تاييىپ ئەردوغانغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى تەقدىم قىلغان، تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېڭىدىن ئېچىلغان تۈرك تىل كەسپى ئۈچۈن يوپۇق ئاچقان.
خەلق گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەچچە يېپىق سۆھبەتتە، يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالانغان.
خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە باش مىنىستىرى تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلىغاندا ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر-تۈرك مۇناسىۋىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتا تارقىلىشىنى قاتتىق چەكلىدى.