تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس فاڭ لىجى ۋاپات بولدى

1989 - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينىدى دەپ بېكىتىلگەن خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئاستروفىزىكا ئالىمى فاڭ لىجى 6 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدا ۋاپات بولدى.

76 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان فاڭ لىجى 1989 - يىلى، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان ئىدى.

بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

فاڭ لىجى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئارىزونا شتاتىدىكى ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.

لېكىن ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان تەنقىدىي مەيدانىنى ئۆزگەرتمىگەن بولۇپ، يەنىلا بۇرۇنقى ئىدىيىسىدە ساقلىنىپ قالغان. چەتەللەردىكى دېموكراتلار ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.