ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانى فىلىپپىننى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدىن خاتىرجەم بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى سامۇئېل لوكلېر بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى فىلىپپىن پرېزىدېنتى بېنىگنو ئاكىنو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىنغا بۇرۇن بەرگەن ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋەدىسىنىڭ ھېلىھەم كۈچكە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

گېنېرال سۆزىدە «مەقسىتىمىز فىلىپپىن بىلەن ھەربىي كۈچلىرىمىز ئارىسىدا ئۆز-ئارا ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ئىقتىدارنى ئاكتىپ تۇتۇش» دېگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گېنېرالى يەنە بەزى كۈچلەرنى دېڭىز تالاش-تارتىشىدا چوتنى خاتا سوقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ۋە بۇنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتكەن.

فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى، خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى دېڭىز تالاش-تارتىشى ئەۋجىگە چىققاندىن كېيىن قايتا كۈن تەرتىپكە كەلگەن. فىلىپپىن تەرەپ باياناتلىرىدا، بۇرۇن تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، فىلىپپىننىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ياردەم كۈتىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىمۇ بۈگۈن مەزكۇر دېڭىز ئارمىيە گېنېرالىنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە زىيارەتنىڭ مەقسىتى «تىنچ ئوكياندا سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.