8 سانائەت دۆلىتىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشتى

سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى 20 - ماي كۈنى ئاخىرلاشتى.


ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ماريلاند شتاتىدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە ئالىي رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار دۇنيا ۋەزىيىتىدىن باشقا ئاساسلىقى، ئىقتىساد،پۇل - مۇئامىلە، سودا، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

يەكشەنبە كۈنى 8 دۆلەت رەھبىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئەزا دۆلەتلەر بىردەك ھالدا گرېتسىيىنىڭ داۋاملىق يېۋرونى بىرلىك قىلغان سودا - ئىقتىسادىي تەۋەدە قېلىشى، يېۋرو پۇل بىرلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل - مۇئامىلە ساھەسىگە بولغان كوتروللۇقنى كۈچەيتىپ، قىزىل رەقەملەرنى ئازايتىشنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت ئوباما سۆز قىلىپ، ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، كۆپلەپ ئىش پۇرسىتى يارىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

بۇ يىغىنغا رۇسىيە پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن سابىق پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىتى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 8 سانائەت دۆلىتى يىغىنىغا قاتنىشىشىدۇر.