سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا

5 - ئىيۇل كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ، ساقچىلار ۋە ھەربىيلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتلاردا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىتالىيىگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ كەلدى.

9 - ئىيۇل كۈنى ئىتالىيىدە ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا، رۇسىيە قاتارلىق سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىسنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما رۇسىيىنى زىيارەت قىلسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەكشەنبە كۈنى ئىتالىيىگە يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن ئىتالىيە زىيارىتىنى باشلىدى. ببس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى ئاساسلىق تېما سۈپتىدە مۇزاكىرە قىلىدۇ.

خۇ جىنتاۋ 8 سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر يىغىننىڭ قوشۇمچىسى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، خىتاينىڭ سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە دۇنياۋى كرىزىسنى ھەل قىلىشتا ئوينايدىغان رولى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.