خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، گېزىتنىڭ باياناتچىسى مارگېرىت رامسايە، ئوق ئاتقۇچىلار ئوقنى ماشىنىسىدا تۇرۇپ ئېتىپلا، ماشىنىسىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئوق گېزىتخانا دېرىزىسىگە تېگىپ، ئوق زەربىسىدە ئەينەككە چاك كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، "ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتى خىتايدىكى فالۇنگۇڭچىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ماقالە يازغان كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى داۋىد ماتاسقا ساھىبخانىلىق قىلغان ئىكەن.
رامساي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھۇجۇم، ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولغان داۋىد ماتاسنى زىيارەت قىلىش ۋە كۈتۈش پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. رامساي خانىم بۇنىڭ پەقەت بىر پەرەز ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
"ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتى چەتئەلدە چىقىدىغان ھەمدە ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ خىتاي تىلدىكى گېزىتلەرنىڭ بىرى. گېزىت، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىدۇ.