مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە بىر ھەپتە ئاۋۋال يۈز بەرگەن بولۇپ، غۇلجىنىڭ خەنبىڭ يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى قىزىل بايراق سارىيىنىڭ يېنىدىكى " ئالتۇن ئالما ئاشخانىسى" دا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ جەريانىدا ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۇرغان. ئاشخانا سىرتىدا ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان نەچچە ئون ئۇيغۇر بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋە ئۇلارنى ئۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن. غەزەپكە كەلگەن ئۇيغۇرلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۆرۈۋەتكەن. ۋەقە جەريانىدا 3 ئۇيغۇر يارىلانغان.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار توقۇنۇش جەريانىدا ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ۋە كۆز ياشارتقۇچ بومبا ئاتقان. نەق مەيداندا 9 كىشىنى قولغا ئالغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بارلىق كوچىلارنى قاتتىق قامال قىلغان.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى غۇلجىدىكى مەزكۇر ئالتۇن ئالما ئاشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، تېلېفوننى ئالغان بىر ئۇيغۇر خىزمەتچى خادىم ئاشخانىدا ھەقىقەتەن شۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ پۈتۈن ئاشخانىنىڭ ئەتراپىنى قامال قىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇشىغا، ئۇلارنى ئۇرۇشىغا تېخىمۇ كەڭ يول قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە پاراكەندە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.