گۇاڭشىدىكى ساليوت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 6 كىشى ئۆلدى

يەكشەنبە كۈنى گۇاڭشىنىڭ لىڭشەن ناھىيىسىدىكى بىر ساليوت زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 6 كىشى ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان. ۋەقە يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 2 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، 4 كىشى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.08.23

يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، لاۋ فامىلىلىك بىر گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەرلىك دائىرىلەر بۇ زاۋۇتنىڭ قانۇنسىز، شەخسى ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ۋەقەدىن كېيىن جايلاردىكى قانۇنسىز زاۋۇتلارنى پېچەتلەشنى تەلەپ قىلغان.

تېخى يېقىندىلا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۇەن شەھىرىدىكى بىر ساليوت زاۋۇتىدا يەنە ئوخشاش پارتلاش مەيدانغا كېلىپ، 13 ئادەم ئۆلگەن، 148 ئادەم يارىلانغان ئىدى. خىتايدا ئىش ئۈستىدىكى ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ئورۇنلارنى باشقۇرۇش، رەتلەش، رۇخسەت تارقىتىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق تۈردە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.