گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىدا زەھەرلىك گاز تاراپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن كەچ سائەت 5 تە، خىتاينىڭ گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىدىكى تېز سۈرئەتلىك تاش يوللارنى باشقۇرىدىغان بىر ئورگىنىنىڭ ئىش بىناسىدا زەھەرلىك گاز تاراپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن بىنادىكى ئادەملەرنىڭ غول، مۆرە، بىلەكلىرى قاتتىق ئاغرىپ، بېشى قېيىشقا باشلىغان.

خىتاينىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەسلەپكى قەدەمدە 17 ئادەمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن ۋە بىنادىكى قالغان ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ياكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشكە باشلىغان.

ۋەقەدىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رېمونت قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن بۇ بىنادا كاربون تۆت ئوكسىد گازى تاراپ كەتكەن، ھازىر بىرمۇنچە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بىنانىڭ ئالدىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدۇ، دېدى. ئەمما بۇ ۋەقەدىكى خېيىم - خەتەر ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىدى.