گۈەنتانامودىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتى

گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 4 نەپىرى ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئۇلار بۈگۈن يەنى 11 ‏-ئىيۇن كۈنى سەھەر سائەت 5:30 دا، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ پايتەختى خامىلتان شەھىرىگە يېتىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-06-11
Share
bermuda-305.jpg ﺑﯧﺮﻣﯘﺩﺍ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ
from the CIA Factbook
ئەركىنلىككە ئېرىشكەن 4 نەپەر ئۇيغۇر، ئابدۇللا ئابدۇقادىر 30 ياش؛ خېلىل مامۇت 31 ياش؛ ئابلىكىم تۇراخۇن 38 ياش؛ سالاھىدىن ئابلەھەت  32 ياش ؛ ئۇلار بۈگۈن ئىككى نەپەر ئادۋوكات ۋە بىر تەرجىمان ھەم بىر تۈركۈم ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرمۇدانىڭ ھامىلتون شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

بېرمۇدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكىياندىكى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى بىر تاقىم ئارال. بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىن 1770 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا؛ بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى جەمئىي 138 ئارالدىن تەشكىللەنگەن، يۈز ئۆلچىمى 53 كۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 61مىڭ. بېرمۇدانىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى ساياھەت ئىشلىرى بولۇپ، 2005 ‏-يىلى يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئوتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت