بۇ ئامېرىكا دائىرىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم سوت مەھكىمىسىدە سوتلانماي "قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان كىشىلەر"نىڭ كونكرېت سانى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلىشىدۇر.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گۈەنتانامو خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە لاگىردىكى 35 نەپەر تۇتقۇننى سوت مەھكىمىسى سوتلاش ياكى ھەربىي كوللىگىيىدە جازالاش تەكلىپى بېرىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى 110 نەپەر كىشىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن قويۇپ بېرىشكە تىگىشلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلارغا دائىر بۇ خەۋەر پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن يىلى دەل مۇشۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گۈەنتانامونى بىر يىل ئىچىدە تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنگە توغرا كەلگەن ئىدى.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈەنتانامونى تاقاش پىلانىنىڭ ۋاقىت قەرەلى توشقان بولسىمۇ، لېكىن لاگىر ھازىرغا قەدەر تاقالمىدى. ئامېرىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشكە تېگىشلىك كىشىلەر تىزىملىكىدىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ 7 نەپىرى ھازىرغا قەدەر لاگىردا ياشاۋاتىدۇ.
دائىرىلەر، "قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان" بۇ 47 نەپەر كىشى قويۇپ بەرسە ناھايىتى خەتەرلىك، لېكىن جازالاي دېسە پاكىت ۋە ماددى ئىسپات يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى(ئىقرارنامىسى) مەجبۇر ئېلىنغانلىقىنى، شۇ تۈپەيلى ئۇلارنى سوتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پوزىتسىيىسى بولسا، سوتلىنىدىغان تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا يۆتكەشكە سۈكۈت قىلىشتۇر. كۆزەتكۈچىلەر، "قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان" تۇتقۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.