مەزكۇر تەشكىلات پاكىستاننىڭ شىمالىي چېگراسىدا يەنى ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا بولغان گىلگىت بالتىستان رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ باياناتىدا، بىۋاسىتە قوشنىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بېرى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
تەشكىلات باياناتىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خوتەندىكى ۋەقەدە ئىككى ئايال كىشىنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بالىلارنى يارىلاندۇرغانلىقىنى «شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى» دەپ بايان قىلغان.
تەشكىلات باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنى خوتەندىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.