ھىندىستان خىتاينىڭ گۋادار پورتىدىكى رولىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ پاكىستانغا جايلاشقان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە گۋادار پورتىنى باشقۇرۇشتىكى رولىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.06

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇقىرىقى پىكىرنى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئوتتۇرىغا قۇيدى.

گۋادار پورتى ئەسلىدىكى باشقۇرغۇچى سىنگاپور شىركىتىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى پورتلارنى باشقۇرۇش ھەسسىدارلىق شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ھىندىستاندىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى جەي رانادە خىتاينىڭ مەزكۇر پورتنى «نېفىت يۆتكەش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز» دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ پورتنى دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: بۇ پورت خىتاينى مەزكۇر رايونغا ھەربىي يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ پورتنىڭ خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ھىندىستان ئۈچۈن سەزگۈ مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.