«HP» شىركىتى خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش قىلمىشىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.02.09
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى زاپچاس تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلاردا بالا ئىشچى ياكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلىتىپ، چىقىم تىجەشكە ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولغان. بۇ خىتاي زاۋۇتلىرى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە ئايلىقىنى ياخشىلاشنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ئاز پۇلغا جىق ئىشلىتىپ، پايدا تاپماقچى بولۇشقان.
«HP» شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت خىتاي زاۋۇتلىرىدا سادىر بولۇۋاتقان يۇقىرىقى قىلمىشلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن بىر بەلگىلىمە تۈزۈپ چىققان.
بەلگىلىمىدە، ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچى ئىشچىلارنى قىسقارتىپ، تولۇق ئىشلەيدىغان مەلىكىلىك ئىشچىلارنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
بەلگىلىمىدە يەنە، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئوقۇغان كەسپى زاۋۇتتىكى ئىشقا ماس كېلىدىغانلارنى ئېلىش، ئۇلارغا بېرىلىدىغان تەمىنات ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش تەلەپ قىلغان.
ئىلگىرى خىتاي ھۆددىگەرلىرى مەھسۇلات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەپ كەلگەن.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قورامىغا توشمىغانلارنىڭمۇ بارلىقى ھەمدە كۆپىنچىسىنىڭ قىز ئىشچى بولۇشى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى.