خىتاي ئۆكتىچى خۇ جا، ئاممىنى ليۇ شياۋبونىڭ ئايالىنى يوقلاشقا چاقىردى

ئالدىنقى كۈنى بىر تۈركۈم سەپداشلىرى بىلەن نوبېل ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ نەزەربەندتىكى ئۆيىگە ساقچىلارنى بۆسۈپ كىرىپ ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانى يوقلىغان ۋە ھال سورىغان مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچى خۈجيا بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىققا سۆز قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى نەزەربەندتىكى ليۇ شيانى يوقلاشقا چاقىرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.02

ئۇ سۆزىدە ليۇ شيانىڭ 26ئايدىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ليۇ شيانىڭ نەزەربەندتىكى دەسلەپكى بىر يىل ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى، ئىككىنچى يىلى ئۈچۈن ساقچىلارنى ئەيىبلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما نەزەربەند ئۈچىنچى يىلغا سوزۇلسا، ئۇ چاغدا جەمئىيەتمۇ ئەيىبلىكتۇر» دېگەن.

ئۇ يېن: «بۇ مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتتە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ۋەقە، شۇڭا ليۇ شيانى قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قۇتۇلدۇرۇشتۇر» دېگەن.

خۇ جيانىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان خوڭكوڭدىكى «مىڭپاۋ گېزىتى» ليۇ شيانىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ خەرىتىسىنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلىپ زىيارەتچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش سەپەرۋەرلىك ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېڭ گۇاڭچېڭ ئۈچۈنمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنى زىيارەت قىلغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلغان ۋە سوراق قىلىنغان؛ بۇ، شۇ كۈنلەردە چېڭ گۇاڭچېڭ مەسىلىسىگە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.